خىتاي ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

خىتاي ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

ئۈمىد ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ نامايىشىدىن ئەنسىرەپ تارقاتقان بىر پارچە ھۆججىتى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى بولغان ج خ نازارىتى رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى زىڭ شىيەنجاڭنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەخپىي يىغىن ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھۆججەتتە زىڭ شىيەنجاڭنىڭ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، خوڭكوڭدىكى «تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى»غا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى، مەركەزدىن بۇيرۇق چۇشۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەسىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قەتئىي بولۇش، چەتئەل ۋەزىيىتىنىڭ خىتايغا تەسىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى جېكىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ساقچىلار بارلىق يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، خوڭكوڭ خەلقى توسۇقلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خوڭكوڭنىڭ قانۇن چىقىرىش ئىشخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، «تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى»غا قارشى نامايىش قىلغان. نامايىشچى خەلق بىلەن ساقچىلار ئارىىسدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، بىر كىشى يارىلانغان. نامايىشچى خەلق قانۇن چىقرىىش ئىشخانىسى ئالدىدىكى ئەينەك توسۇقنى چېقىپ بۆسۈپ كىرگەن. نامايىشچى خەلق رايون باشلىقى لىنجىن يۆئېنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى، «تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، نامايىشچىلارغا قورال ئىشلەتكەن ساقچىلارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەنبە:http://www.soundofhope.org/gb/2019/07/01/n2999824.html

 

بۇ خەۋەر 5708 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2019 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق