ئەسەد كۈچلىرى تۈركىيەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەسەد كۈچلىرى تۈركىيەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلدى
خەۋەر يەتتە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەسەد كۈچلىرى تۈركىيەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زاۋىيە تاغلىق رايونىدىكى كۆزىتىش نۇقتىسىغا ئۈچ تال زەمبىرەك ئوقى چۈشكەنلىكىنى، زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ سۇرىيە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى مەركىزىدىن 10-نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىغا قارىتىپ ئېتىلغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ ھېچقانداق تالاپەت كەلتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە زەمبىرەك ھۇجۇمى جەريانىدا ۋەكىللەر ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن دەرھال ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن ھۇجۇمنىڭ توختىغانلىقى، ئەگەر ھۇجۇم داۋاملاشقان تەقدىردە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ تەييارلىقلىرى قىلىنغانلىقى ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 772 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2019 13:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق