لاگېرنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى بايقالدى

لاگېرنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى بايقالدى

سودا ئىچكى خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27-ئىيۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغان ۋايز (VICE News) خەۋەر قانىلى مۇخبىرى مەخپىي ھالدا بەزى كۆرۈنۈشلەرگە ئېرىشكەن.


مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ساقچىلارغا ئۆزىنى ساياھەتچى دەپ تونۇشتۇرغان. ئۇ يېرىم كېچە سائەت 12 يېرىم بولغاندا قەشقەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدىن بىرىدە بىر نەچچە ساقچىنىڭ قارا كىيىم كىيدۈرۈلگەن سەككىز ئۇيغۇرنى ساقچىخانىغا يالاپ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى سىنغا ئېلىۋالغان.
دوكلاتتا بۇ كىشىلەرنىڭ سوئال-سوراققا ئۇچرايدىغانلىقى، شۇنداقلا جازا لاگېرىغا قامىلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مۇخبىر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەخپىي زىيارەت جەريانىنى «ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن ۋە قايغۇلۇق خىزمەت بولدى» دەپ سۈپەتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە جازا لاگېرلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن. شۇنداقلا مۇخبىر مەخپىي ئېلىۋالغان قىسقىغىنا 14 سېكۇنتلۇق سىندىن خىتاينىڭ بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە:https://www.businessinsider.com/china-xinjiang-undercover-video-police-state-uighur-detention-2019-6

 

بۇ خەۋەر 1874 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2019 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق