خىتاينىڭ بەش شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

خىتاينىڭ بەش شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

تىرىلىش پوچتا گېزىتى تورىنىڭ 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ بەش چوڭ تېخنىكا شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېيدىن كېيىن يەنە خىتاينىڭ بەش چوڭ شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا تەۋە مەزكۇر بەش شىركەتتىن مال سېتىۋالماقچى بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر بەش شىركەت خەيگۇاڭ شىركىتى، سۇگۇاڭ شىركىتى، ۋۇشى جياڭنەن كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى، چېڭدۇ خەيگۇاڭ مىكرو ئېلېكترون تېخنىكا شىركىتى، چېڭدۇ خەيگۇاڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، سۇگۇاڭ شىركىتى ۋە ۋۇشى جياڭنەن كومپىيوتىر تېخنكا ئىنستىتوتى كومپىيوتېر تېخنىكىسدا خىتايدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا شىركەتلىرىدىن بولۇپ، سۇگۇاڭ شىركىتىنىڭ كومپىيۇتېرلىرى خىتاي ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلىدىكەن. ۋۇشى جياڭنەن تەتقىقات مەركىزىنىڭمۇ خىتاينىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1092 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق