خىتاي خەلقىنى ئالداشتا ۋاسىتە تاللىمىدى

خىتاي خەلقىنى ئالداشتا ۋاسىتە تاللىمىدى

سودا ئۇرۇشىدا ئوسال ئەھۋالدا قالغان خىتاي ئۆز خەلقىنى ئالداپ، تەتۈر تەشۋىقات قىلىشتا ۋاسىتە تاللىمىغان.
23-ئىيۇن خىتاينىڭ سۇمرۇغ تورى ئۆز خەلقىنى ئالداش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ، «ئامېرىكىدىكى 600 كارخانا تىرامپنىڭ تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈشىنى ئەيىبلىدى» دەپ خەۋەر تارقاتقان. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى 600 شىركەت دەل ئەكسىچە تىرامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا باج قوشۇشىنى قوللىغان.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىدىكى 600 نەچچە كارخانا پىرېزىدېنت تىرامپقا خەت يېزىپ، خىتايدىن تاموژنا بېجى ئېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكەنكى ئايدا 300 نەچچە شىركەت ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىدىن باج ئېلىشىغا قارشى تۇرغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىن يۆتكەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىشىنى قوللايدىغان شىركەتلەرنىڭ سانى 600 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1333 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 07:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق