تالىبان ۋەكىللىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى

تالىبان ۋەكىللىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى 

20-ئىيۇن جۇڭشىن خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرشىچە،   خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ خىتايغا كەلگەنلىكنى بىلدۈرگەن

لۇكاڭ مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغان جاۋاپ بېرىپ، «تالىباننىڭ دوخادا تۇرۇشلۇق ئىش بىجرىش ئورنىنىڭ رەئىسى موللا ئابدۇللا غېنى بالادار ۋە  بىر نەچچە ھەيئەت خىتايدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، خىتاي تەرەپ ئۇلار بىلەن ئافغانىستاننىڭ تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتتى شۇنداقلا تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى» دېگەن.

لۇكاڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

«خىتاي تەرەپ ئافغانىستاننىڭ يېقىنقى ۋەزىيتىگە قاتتىق كۈڭۈل بۈلۈپ كەلدى. باشتىن ئاخىرى ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى بارلىق ئافغانىستانلىقلارنىڭ دىگەن كۆز قاراشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قوللايدۇ.ھەرئىككى تەرەپ بۇ قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتا بىردەك قاراشقا كەلدۇق . خىتاي تەرەپ بارلىق يول ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلنىپ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.»

بۇ خەۋەر 864 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2019 20:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق