فىلىپپىن خەلقى خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى
18-ئىيۇن ئامېرىكا ئاۋاز تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاي ھەربىي پاراخوتى خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىننىڭ بېلىقچى كېمىسىنى سوقۇپ قېچىپ كەتكەن. سوقۇلغان بېلىقچى كېمىسىنى ۋېيتنامنىڭ بېلىقچى كېمىسى قۇتۇلدۇرۇۋالغان. كېيىن خىتاي تەرەپ ھەربىي پاراخوتىنىڭ فىلىپپىن بېلىقچى كېمىسىگە سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق قەستەنلىك بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
فىلىپپىن خەلقى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ بۇ يولسىزلىقىغا قارشى نامايىش قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىشچى خەلق «خىتاي، فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدىن يوقال» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان ۋە خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرگەن.