تۈركىيە خەلق ۋەكىلىدىن خىتايغا قاتتىق جاۋاب

تۈركىيە خەلق ۋەكىلىدىن خىتايغا قاتتىق جاۋاب

قارار تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى يېپىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان «خىتاي ھەقىقەتلىرى» ناملىق تىۋىتتېر ھېسابى تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى خەلق ۋەكىلى مۇستافا يەنەرئوغلۇنى نىشانغا ئالغان.
يەنەرئوغلۇ خىتاينىڭ بۇ ئەخلاقسىز تەشۋىقاتىغا قاتتىق جاۋاب بېرىپ: «خىتاي دائىرىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان بىر ھېساب ئارقىلىق باشقا دۆلەتنىڭ خەلق ۋەكىلىگە ھەيۋە قىلىشىڭلار سىلەرنىڭ ھەددىڭلار ئەمەس. تەشۋىقات قىلىشنىمۇ بىلمەيدىكەنسىلەر» دېگەن.
بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن خەلق ۋەكىلى مۇستافا يەنەرئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مەشھۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى ھەققىدە: «نۇرمۇھەممەد توختىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. خىتاي كۈچىگە تايىنىپ تۈرلۈك زوراۋانلىقلارنى قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلارنىمۇ دەپسەندە قىلىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنى يوقىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغانسېرى خىتاي مەدەنىيىتى كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ، دۆلىتىمۇ خەلقئارا سەھنىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ» دەپ ئۇچۇر يوللىغان.
بۇ ئۇچۇردىن كېيىنلا تۈركىيىدە خىتاي تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان «خىتاي ھەقىقەتلىرى» ناملىق تىۋىتتېر ھېسابى يەنەرئوغلۇغا ھۇجۇم قىلىپ، تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان: «تۈركىيە خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بۇنداق بىر مەزگىلدە، بولۇپمۇ پىرېزىدېنت ئەردوغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغانغا ئاز قالغان بىر پەيتتە، بىر ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋەكىلى قانداقسىگە بۇ سۆزلەرنى قىلالايدۇ».

بۇ خەۋەر 11031 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2019 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق