بۈلەنت يىلدىرىم: خىتايغا بىرلىكتە ئېمبارگو...


2-مارت ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH) گە خالىسانە خىزمەت قىلىۋاتقان ئايال پىدائىيلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 
پائالىيەتنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 
بايانات ئېلان قىلغان ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى يەتتە يىلدىن بېرى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدا قالغان سۇرىيە خەلقىنىڭ بوشاشماستىن زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلار ئاتا-ئانا ياكى تۇغقانلىرى شېھىت بولسا، قازا قىلسا يىغلىيالايدىغانلىقى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولسا يىغلاشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، خىتايغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، بېسىم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 4613 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2019 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق