خىتاي ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

30-ماي خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىى تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2019-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
ئۇقتۇرۇشتا 2019-يىلى 6- ئاينىڭ 5-كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، خىتايلارنىڭ تاڭزۇڭزا چاغىنىغا بولسا 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بىر پەيتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىدىن ئەنسىرەپ، روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش كۈنىنى بىر كۈن قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق خىتايلارنىڭ تاڭزۇڭزا چاغىنىغا ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1345 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2019 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق