پاكىستاندا بىر نەچچە خىتاي قولغا ئېلىندى

پاكىستاندا بىر نەچچە خىتاي قولغا ئېلىندى

29-ماي پاكىستان گېلېگىت ساقچى دائىرىلىرى پاكىستانغا ھاراق ئەكىرىپ ساتقان بىر نەچچە خىتاينى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىپ، رامىزاندا ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىغان خىتايلار پاكىستان مۇسۇلمانلىرىنىمۇ بۇلغاش ئۈچۈن مۇبارەك رامىزاندا گېلېگىت ئارقىلىق پاكىستانغا ھاراق يۆتكەپ ساتقان.
گېلېگىت ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆت خىتاي گېلېگىت چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە ھاراق يۆتكەپ ساتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. نۆۋەتتە بۇ خىتايلارنىڭ باشقا شېرىك ۋە شايكىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2019 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق