ئۇيغۇلارنىڭ تىز پۈكمەس روھى ھەققىدە كىتاب يېزىلدى

ئۇيغۇلارنىڭ تىز پۈكمەس روھى ھەققىدە كىتاب يېزىلدى

يېقىندا داڭلىق دەۋەتچى ئۇستاز ئېھسان شەنئوجاكنىڭ «مىڭ يىلدىن بېرى تىز پۈكمىگەن جەڭگاھ شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق كىتابى نەشردىن چىقتى.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ئۇستاز ئېھسان شەنئوجاك مەزكۇر كىتابىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللى كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايلارغا قارشى مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كۈرەش مۇساپىسىنى، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇستەملىكە قىلىنىش، باستۇرۇلۇش ۋە قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، قەتئىي تىز پۈكمەي كەلگەنلىكىدەك قەيسىرانە روھىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىق خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خۇشال قىلدى ۋە ئۇستازغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 11282 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2019 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق