خىتاي كۆپلەپ تۈرمە ساقچىسى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

 

14-ماي خىتاينىڭ ئۈندىدار تورى بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش دىۋىزىيەسى قارمىقىدىكى تۈرمىلەرگە 500 تۈرمە ساقچىسى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
ئۇقتۇرۇشتا 2019-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 500 نى ئىشلەپچىقىرىش دىۋىزىيەسىگە ئالتە مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مائاش بىلەن تۈرمە ساقچىلىقىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقى، بۇلاردىن 484 ئوقۇغۇچىنى 1-، 2-،3-،6- ۋە 8-دىۋىزىيەدىكى تۈرمىلەرگە، 16 ئوقۇغۇچىنى ئۈرۈمچى ھەربىي رايونىغا تەۋە تۈرمىلەرگە قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ساقچى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەرگە ئالاھىدە ئېتىبار قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆرەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش دىۋىزىيەسىگە تەۋە تۈرمىلەرگە جىددىي خىزمەتچى قوبۇل قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن يەرلىك تۈرمىلەردىكى تۇتقۇنلارنى دىۋىزىيە تۈرمىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى دېيىشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1200 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2019 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق