ئون مىڭ توننىلىق يۈك پويىزى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاشنى تىزلەتتى

 

-13ماي خىتاي ئاخبارات مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئون مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنى ئىشقا كىرىشتۇرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشنى تىزلەتكەن.

خەۋەردە ئون مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىم كورلىدىن ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، پويىزنىڭ ئوزۇنلۇقى  1600 مېتر كىلىدىغانلىقى، پويىزدا  101 ۋاگون بارلىقى ، پويىز خىزمەتچىلىرىنىڭ  پويىزنىڭ بېشىدىن ئاخىرغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن 20 مىنوت ۋاقىت كېتىىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئون مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنىڭ دائىملىق قاتنىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 11:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق