خىتاي ئىقتىسادى ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنمەكتە

 

ۋول كوچىسى ژۇرنىلى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.
خەۋەردە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈنۈگۈنكى سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقى، بۇگۈن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى پىرېزىدېنت دونالد تىرامپنىڭ خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مېلىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %25 كە ئۆستۈرگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغانلىقى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى سىتېۋېن مىنۇچىن بىلەن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتھىزېرنىڭ خىتاي مۇئاۋىن سودا مىنسىتىرى لىيۇخې بىلەن پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىندىن جۈمە كۈنى چۈشكىچە داۋاملاشقان سودا سۆھبىتىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ سودا تالاش-تارتىشلىرىدىن ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ۋاشىنگتون-بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتناۋاتقان ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرى بىر يىل ئىچىدە 11 قېتىمغا يەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىنمىغان.
پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىۋاتقان تاموژنا بېجىنىڭ %10 تىن ٪25كە چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۇدا ئون ئايدىن بۇيان ئامېرىكىغا 50 مىليارد دوللار قىممىتىكى ئىلغار تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ٪25، 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى باشقا مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن بولسا ٪10 تاموژنا بېجى تۆلىمەكتە».
پىرېزىدېنت تىرامپ ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 1-دېكابىر ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئايرېستا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بىر ئۈستەلگە كەلگەن ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى سەۋەبىدىن تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «90 كۈنلۈك كېلىشىم» تۈزگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1702 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2019 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق