دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر، دۆلەتلىرى ۋە نوپۇسى

 

 

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قانچىلىك نوپۇسى بارلىقى توغرۇلۇق بەزى تەتقىقاتلار قىلىنماقتا. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «تەخمىنەن 250 مىليون تۈرك مىللىتى بار» دەپ قارىسا، يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار «300 مىليون تۈرك نوپۇسى بار، تۈركلەر خىتاي ۋە ھىندىلاردىن قالسىلا دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ 3-مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىز يۇقىرىقى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ توغرۇلۇق يازغان ماقالىلىرى ۋە بىر قىسىم مەنبەلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، «ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 250 مىليون ئەتراپىدا تۈرك نوپۇسى بار» دېگەن قاراشنى توغرا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدۇق.

كۈنىمىزدە دۇنيادىكى تۈرك نوپۇسى ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

1. تۈركىيە: ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى 65 مىليون. يەر مەيدانى 779,452 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ئەنقەرە.

2. ئۆزبېكىستان: ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 30 مىليون. يەر مەيدانى 447 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى تاشكەنت.

3. شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 25~30 مىليون. يەر مەيدانى 1,648,800 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ئۈرۈمچى.

4. قازاقىستان: قازاقلارنىڭ نوپۇسى 15 مىليون 500 مىڭ. يەر مەيدانى 2,170,000 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ئاستانە.

5. ئەزەربەيجان: ئەزەرىيلەرنىڭ نوپۇسى سەككىز مىليون 300 مىڭ. يەر مەيدانى 86,600 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى باكۈ.

6. جەنۇبىي ئەزەربەيجان (ئىران): ئەزەرىيلەرنىڭ نوپۇسى 30 مىليون. يەر مەيدانى 87,317 كىۋادرات كىلومېتىر.

7. تۈركمەنىستان: تۈركمەنلەرنىڭ نوپۇسى تۆت مىليون 950 مىڭ. يەر مەيدانى 488 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ئاشخابات.

8. قىرغىزىستان: قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليون 500 مىڭ. يەر مەيدانى 198 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى بىشكەك.

9. باشقۇردىستان (رۇسىيە): باشقۇرتلارنىڭ نوپۇسى تۆت مىليون 100 مىڭ. يەر مەيدانى 143,600 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ئۇفا.

10. تاتارىستان (رۇسىيە): تاتارلارنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليون 750 مىڭ. يەر مەيدانى 68,800 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى قازان.

11. داغىستان (رۇسىيە): نوپۇسى ئىككى مىليون 580 مىڭ. يەر مەيدانى 50,300 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ماھاچ قەلئە.

12. چۇۋاشىستان (رۇسىيە) چۇۋاشلارنىڭ نوپۇسى بىر مىليون 300 مىڭ. يەر مەيدانى 18,300 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى چېبوكسارى ياكى شۇپاشكار.

13. قىرىم (ئەسلى ئۇكرائىناغا قاراشلىق بولۇپ، 2014-يىلى رۇسىيە ئىشغال قىلغان): نوپۇسى بىر مىليون. يەر مەيدانى 26,945 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ئاق مەسچىت.

14. قاراقالپاقىستان (ئۆزبېكىستان): قاراقالپاقلارنىڭ نوپۇسى بىر مىليون 500 مىڭ. يەر مەيدانى 161,358 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى نۇكۇس.

15. ياقۇتىستان (رۇسىيە): نوپۇسى 950 مىڭ. يەر مەيدانى 3,103,200 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ياقۇت.

16. كابارتاي-بالكارىيە جۇمھۇرىيىتى (رۇسىيە): نوپۇسى 905 مىڭ. يەر مەيدانى 12,500 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى نالچىق.

17. خاكاسىيە (رۇسىيە): خاكاسلارنىڭ نوپۇسى 530 مىڭ. يەر مەيدانى 61,900 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى ئاباكان.

18. قاراچاي-چەركەس (رۇسىيە): نوپۇسى 440 مىڭ. يەر مەيدانى 14,200 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى چەركەسك.

19. نەخچىۋان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى (ئەزەربەيجان): نوپۇسى 400 مىڭ. يەر مەيدانى 5,500 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى نەخچىۋان.

20. تۇۋا ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى (رۇسىيە): نوپۇسى 310 مىڭ. يەر مەيدانى 170,500 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى قىزىل.

21. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (سىپرۇس): نوپۇسى 250 مىڭ. يەر مەيدانى 3,355 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى لېفكوشا.

22. ئالتاي ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى (رۇسىيە): نوپۇسى 205 مىڭ. يەر مەيدانى 92,903 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى گورنو-ئالتايسك.

23. گاگاۋۇزىيە ئاپتونۇم رايون (مولداۋىيە): نوپۇسى 134.535 مىڭ. يەر مەيدانى 1,832 كىۋادرات كىلومېتىر. پايتەختى كومرات.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىراندا ياشاۋاتقان كاشكايلارنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليون 500 مىڭ. رۇسىيە، تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان نوغايلارنىڭ نوپۇسى 400 مىڭ. رۇسىيە، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئاخىسكا تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى 600 مىڭ. گىرېتسىيە، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇرۇنقى يۇگوسلاۋىيە دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بالقان تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليون. ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ نوپۇسى ئىككى يېرىم مىليون بىلەن تۆت مىليون ئەتراپىدا. رۇسىيە، ئېستونىيە، لىتۋا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كاراي تۈركلىرى (مۇسۇلمان ئەمەس) نىڭ نوپۇسى 250 مىڭ. ئاساسلىقى قىرىمدا ياشايدىغان، كاراي تۈركلىرى بىلەن تۇغقان كېلىدىغان يەنە بىر تۈرك قەبىلىسى قىرىمچاقلارنىڭ نوپۇسى 50 مىڭ ئەتراپىدا. رۇسىيە ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كاۋكاز، داغىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان كامۇك تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى 600 مىڭ. گەنسۇدا (كەڭسۇ) ياشايدىغان سالار تۈركلىرىنىڭ نوپۇسى 100~120 مىڭ ئەتراپىدا. رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە تەرەپلىرىدە ياشايدىغان، سىبىر تۈركلىرى بىلەن تۇغقان كېلىدىغان دولغان تۈركلىرىنىڭ سانى 50 مىڭ ئەتراپىدا. سىبىرىيەدە ياشايدىغان شورلارنىڭ نوپۇسى 20 مىڭ ئەتراپىدا. سۇرىيەدىكى سۇرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا. گەنسۇدا (كەڭسۇ) ياشاپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلار (يەنە بىر ئىسمى يۇغۇرلار) نىڭ نوپۇسى 14~20 مىڭ ئەتراپىدا. رۇسىيە تەۋەسىدە ياشايدىغان تەرەكەمەلەر-قىپچاقلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليون ئەتراپىدا. موڭغۇلىيە، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان نايمانلارنىڭ نوپۇسى ئۈچ مىليون ئەتراپىدا. گېرمانىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ نوپۇسى توققۇز مىليون ئەتراپىدا.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، ھازىرغىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم تۈرك مىللەتلىرى بار بولۇپ، بۇلار: توفالار، ياقا تۈركمەنلىرى، ئافغانىستان تۈركمەنلىرى، ئىلۇ تۈركلىرى، ئايناللۇ تۈركلىرى، ئايماكلار، جامسەلەر، سىتاۋروپول تۈركمەنلىرى، تەلەئۈتلەر، چۇلىملەر، بارابالار، ئۆنگۈتلەر، قىزىللار، خوشباللار، بىلتىرلەر، كاماسىنلەر، چۇلىملار... قاتارلىقلار.

دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ قۇتۇپلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەدە 2018-يىلىدىن باشلاپ دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا قىزىققۇچىلار كۆپەيگەن. ھەتتا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل خەلق ۋەكىلى سەزگىن تەڭرىقۇلى تۈركىيەنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىغا رەسمىي ھالدا خەت يازغان. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيە دۇنيادىكى 190 دىن كۆپ مۇستەقىل دۆلەت ۋە رايونلاردا قانچىلىك تۈركلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ ئېنىقلاشتا تۆۋەندىكى بەش دۆلەتتە تۈركلەر ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇلار: فىجى (4 نەپەر)، نېپال، (6 نەپەر)، بوتىسۋانا (6 نەپەر)، بۇرۇندى (10 نەپەر)، ھايتى (10 نەپەر).

بۇ ئېنىقلاشتا يەنە دۇنيادىكى 21 دۆلەت ۋە رايوندا ھېچقانداق تۈركنىڭ يوقلۇقى ئېنىقلانغان. بۇلار: ئەرمىنىيە، جەنۇبىي قىبرىس (سىپروس)، ئۇرۇگۋاي، پاراگۋاي، لىبېرىيە، موناكو، نېگىرىيە، ئېكۋاتور گىۋېنىيەسى، شىمالى ئېرلاندىيە، باربادوس، ئىسلاندىيە، گاللېر،  بۇتان، شىمالى كورىيە(چاۋشيەن)، تونگا، يامايكا، سان سالۋادور، سان مارىنو، تۇۋالۇ، بېلىزې، كانارىيا ئاراللىرى.

ۋاسىلى ۋاسىليېۋىچ رادلوف (1837~1918 Vasili Vasilyeviç Radlof,) ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتىدىن كېيىن تۈركىي تىللارنى چوڭ تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىغان. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى «تۈركىي تىللار ئائىلىسى قارلۇق تىل تارمىقى» (ئۇيغۇر-قارلۇق تىل تارمىقى) بولۇپ، بۇ تىل تارمىقىغا ئۆزبېك تىلى، ئۇيغۇر تىلى، سېرىق ئۇيغۇر تىلى(يۇغۇر) ۋە سالار تىلىدىن ئىبارەت تۆت خىل تۈرك تىلى كىرىدۇ. بۇلاردىن ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 30 مىليون، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 30 مىليون، سالارلارنىڭ نوپۇسى 100~120 مىڭ، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 14~20 مىڭ بولۇپ، بۇ تىل تارمىقىنىڭ ئومۇمىي تۈركىي تىللىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %18.89. ئەگەر مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق، ئۇيغۇر تىلى ئومۇمىي تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 13~14% نى تەشكىل قىلىدۇ.

 

 تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

بۇ خەۋەر 1330 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2019 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق