قوشماق تۇغقان خىتاي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى


زىمىستان تورىنىڭ 29-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي «قوشماق تۇغقان» قىلىنغان خىتاي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
خىتاي 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن خىتايلارنى مەجبۇرىي تۇغقان قىلىپ چېتىپ، خەلقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىللە تۇرۇش، ھەپتىدە بىر قېتىم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن ئىدى. 
خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى ئاياغ-ئاستى قىلىپلا قالماي، بەلكى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇغقان قىلىنغان خىتايلارغىمۇ ئېغىر بېسىم بولغان.
يېقىندا زىمىستان تورى مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىدە خەلقتىن ئۇچۇر ئىگىلەش داۋامىدە ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تۇغقان قىلىنغان بىر خىتايغا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە سوۋغات ئېلىپ بېرىپ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى قاتتىق ئېغىر كەلگەن بىر پەيتتە، مەزكۇر خىتاينىڭ ئانىسى مېيىپ بولۇپ قالغان ۋە ئىدارىسىدىن ئانىسىنى بېقىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان. بىراق خىتاي ئىدارە باشلىقى رۇخسەت بەرمىگەن. خىزمىتىدىن قاتتىق بېسىم ھېس قىلىپ تۇرغان خىتاي ئانىسىنى بېقىشقا رۇخسەت ئالالمىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
خىتاي كوممۇنىستلىرى يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغان خىتايلارنى «ئىدىيەسى تەرەققىي قىلىشى كېرەك»دەپ لاگېرغا سولىغان.

بۇ خەۋەر 10646 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2019 19:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق