ئاسارەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ...

 

25-مارت بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتى زالىدا «ئاسارەتتىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى بىلەن مەدەنىيەتلەر كۈلتۈرى تەرىپىدىن تەشكىللەندى. 
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. 
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ئىشغال قىلغىنىدىن باشلاپ، ھازىرغىچە بولغان تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقنى داۋاملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقى، ھەتتا قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

 

بۇ خەۋەر 1439 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2019 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق