ئون مىڭ خىتاي ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» دائىمىي كومىتېتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، 10 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسى خىتاينى 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» دائىمىي كومىتېتى شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 30-ئاپرېل ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» تەشۋىقات-لېكسىيەسى سەپەرۋەر قىلىش-تەربىيەلەش يىغىنى ئاچقان.

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» دېگەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارىلىرى تەكىتلەنگەن. سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىدىن رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى باش تېما قىلىپ، تەشۋىقات-لېكسىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. شۇنداقلا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلاش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش، مۇقەددەس ئىسلام دىنىدىن ۋاز كەچتۈرۈش رەزىل پىلانى بويىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدا خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە كىرگۈزگەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى دوكلات خاتىرىسىگە ئاساسەن خەلقنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ جازالىغانىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىن قۇتۇلۇپ قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتايلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى مەجبۇرىي تېڭىش، چوڭقۇرلاپ نازارەت قىلىشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2904 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2024 14:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق