ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ

ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى: خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ

ب ب س خەۋەر تورى 3-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان رۇسىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى غەرب سىياسىيونلىرىنى ئەنسىرىتىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى مۇتەخەسسىسى بۇ ئەندىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋرغا خىتاينىڭ 1600 ئەسكەر ۋە 30 ھۇجۇمچى ئايروپىلانىنى قاتناشتۇرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. غەرب دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئەمما ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جامېس كارافانو (James Jay Carafano) بۇ ھەقتە توختىلىپ، رۇسىيە ۋە خىتاي گەرچە ئامېرىكىغا قارىتا ئوخشاش مەيدانغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىللىكى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، خىتاي رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنى پەقەت چەكلىك يوسۇندا قوللىيالايدىكەن. شۇنداقلا رۇسىيەمۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىگە كۆپ ياردەم قىلالمايدىكەن. شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قانچە كۈچەيسە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچ تالىشىشقا ئوخشاش ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى شۇنچە كۈچىيىدىكەن.
جامېس كارافانو خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن ھەقىقىي ھەمكارلىق ئورنىتىش نىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى، پەقەت رۇسىيەنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداق بۇ ھەقتىكى ئېھتىماللىقلار ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، رۇسىيەنىڭ خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ئوخشاشلا رۇسىيە بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا، خىتاينىڭ خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرگىزمۇ ئالدىراپ قارشى تەرەپكە ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 871 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2019 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق