ئامېرىكا فىلىپپىنغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى

ئامېرىكا فىلىپپىنغا قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىدىغان يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى «تايفون»نى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاينى چەكلەش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

BBC نىڭ 19-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنى فىلىپپىننىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ زەربە بېرىش سىستېمىسى «تايفون» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئوتتۇرا مۇساپىلىك قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئىككى ھەپتىلىك «كۈچلۈك قالقان-24» بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلماقتىكەن.

بۇ، قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم «بىرىنچى ئارال زەنجىرى»دە ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى، دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە سەزگۈر رايونلار بولغان جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزى رايونىغا زەربە بېرەلەيدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ سىستېمىنى خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بولۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مۇداپىئە ئىقتىدارى ھەققىدە بېرىلگەن سىگنالى، دەپ قارىغان.

ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا، خىتايمۇ دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك قايتۇرما ھۇجۇم سىگنالىنى ئېلان قىلىپ، كۇبا ھەربىي رەھبەرلىرى بىلەن بېيجىڭدا ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھالەت ئامېرىكا-فىلىپپىن-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچبۇرجەك مۇناسىۋەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار «تايفون» قورال سىستېمىسىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى دەۋرىدىكى ئۇرۇش ئىقتىدارى ئىكەنلىكىنى، ئېغىر تىپلىق توشۇش ئايروپىلانى ئارقىلىق توشۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەڭ رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1179 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2024 10:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق