ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا تالاش-تارتىشى قايتىدىن كۈچەيدى

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا تالاش-تارتىشى قايتىدىن كۈچەيدى

دوۋېي تورىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ھىندىستاننىڭ خىتايغا تەۋە دەپ قارالغان رايوننى «بىۋاسىتە قاراشلىق رايون» دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
نەچچە كۈن بۇرۇن ھىندىستان ھۆكۈمىتى «لاداخ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەزكۇر رايون خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىككى تەرەپ تالاش تارتىش قىلىۋاتقان رايون شەرق، غەرب ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، غەرب تەرەپتىكى 35 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۆلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا، شەرق تەرەپتىكى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۆلىكى ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن. ئەمما ھىندىستان بۇ رايونلارنى كەشمىر رايونىغا تەۋە دەپ ئېلان قىلغان.
خىتاي ۋە ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى ئىزچىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىممۇ نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن باشقا ئالاھىدە تەدبىر قوللانمىغان. ھىندىستان پىرېزىدېنتى مودى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي بىلەن چېگرا تالاش-تارتىشى مەۋجۇت بولسىمۇ، تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1009 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2019 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق