بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا 839 كادىر جازالانغان

بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا 839 كادىر جازالانغان

13‏-سېنتەبىر خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە،  ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، خىتاينىڭ 8 خىل بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش باھانىسى بىلەن 839 نەپەر كادىر بىر تەرەپ قىلىنىپ، 661 كادىرغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

خەۋەردە، خىتاي دائىرلىرى بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە،  774 دېلونى ئېنىقلاپ چىققانلىقى،  774 دېلوغا چېتىشلىق 839 نەپەر كادىر بىر تەرەپ قىلىنىپ، 661 كادىرغا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش جازاسى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، تۈزۈمگە خىلاپ يەپ-ئىچىش، تۈزۈمگە خىلاپ سوغا-سالام ئېلىش، ھۆكۈمەت ئەشيالىرىنى تۈزۈمىگە خىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 خىل بەلگىلىمە چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 بۇ بەلگىلىمە يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن يەرلىك كادىرلارنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان. يۇقىرىقى 8 خىل بەلگىلىمە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە يوشۇرۇن قارشى تۇرغان ياكى ئۇنى ئاكتىپ قوللىمىغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى جازالاشنىڭ باھانىسىگە ئايلاندۇرۇلغان.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 9‏-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ مەزكۇر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 8 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان بولۇپ،  بۇ دېلودا ئاۋات ناھىيىلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ھۆرىگۈل داۋۇت، خوتەن شەھىرى نارباغ ئىجتىمائىي رايونىنىڭ باشلىقى روزىنىسا ھوشۇر، ھۆرىگۈل داۋۇت قاتارلىقلارنىڭ   قۇربان ھېيتلىق سوغا قوبۇل قىلىش، بېزەك بۇيۇمى،  قول سائىتى سوۋغىلىرىنى قوبۇل قىلدى دەپ جازالانغان.  

بۇ خەۋەر 1840 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2019 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق