بۇ يىل قاراقاشتىن 38 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆز يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىندى

بۇ يىل قاراقاشتىن 38 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆز يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىندى

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيەسى ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن بۇ يىل 37464 كىشىنى ئۆز يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلغان.
خەۋەردە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قاراقاشتىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى باھانىسى بىلەن 179 مىڭ ئادەم قېتىم شەھەر-يېزىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەھەرلىرىدە 3698 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ 10977 كىشى ئىكەنلىكى، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانىنىڭ 6249 گە يېتىدىغانلىقى، ئۆز جايىدا ياكى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ 16540 قا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1112 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2019 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق