خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

خىتاي ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

-20 نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا پارلاتاسى « خوڭكۇڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە قانۇنى»نى ماقۇللىغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىغا تەھدىت سالغان.

ئامېرىكا پالاتاسى تۆنۈگۈن بىردەك ئاۋاز بىلەن« خوڭكۇڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە قانۇن» لاھىيەسىنى ماقۇللاش بىلەن بىرگە، خوڭكوڭ ساقچىلىرىغا قىسمەن قوراللارنى سېتىپ بېرىشكە چەكلىمە قويۇش ھەققىدە قانۇن لاھىيەسى ماقۇللىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ  « خوڭكۇڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» ۋە  خوڭكوڭ ساقچىلىرىغا قىسمەن قوراللارنى سېتىپ بېرىشكە چەكلىمە قويۇش ھەققىدىكى قانۇن لاھىيەسىنىڭ ماقۇللىنىشغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھەق- ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر قانۇننى ئەمەلىلەشتۇرۇشنى توختىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ چالۋاقىغان.

خەۋەردە، خىتايىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر بىلەن خوڭكوڭدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تىل بىرىكتۈرۈپ خوڭكوڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئورگىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىپ ، «ئامېرىكا ئوت بىلەن ئوينىشىدىغان ئىشلارنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بارلىق ئاقىۋەتلەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولىشىچە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى ئايدا « خوڭكۇڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» نى ماقۇللىغان. ئەگەر مەزكۇر قانۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تەسدىقىدىن ئۆتسە رەسمى قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2019 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق