خىتايدىكى بىر يەسلىدە خىمىيەلىك ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتايدىكى بىر يەسلىدە خىمىيەلىك ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى

12-نويابىر خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر يەسلىدە خىمىيەلىك ماددا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 54 كىشى يارىلانغان.
خەۋەردە ۋەقەنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى كەييۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەنلىكى، جىنايەت سادىر قىلغۇچىنىڭ يەسلى تېمىدىن ئاتلاپ كىرىپ، بالىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ناترىي گىدروكسىد بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، ھۇجۇمدا 51 بالا ۋە ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى، يارىدارلارنىڭ دەرھال دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار 23 ياشلىق كۇڭ مۇخەن ئىسىملىق بىر گۇماندارنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 506 قېتىم كۆرۈلدى
14/11/2019 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق