كۇڭزى ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ بېلگىيەگە كىرىشى چەكلەندى

كۇڭزى ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ بېلگىيەگە كىرىشى چەكلەندى

30-ئۆكتەبىر بېلگىيەدىكى «سەھەر گېزىتى» خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلگىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى مۇدىرى سۇڭ شىننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاسۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن بېلگىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن.
خەۋەردە سۇڭ شىننىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (VUB) كۇڭزى ئىنستىتۇتى مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، خىزمەت جەريانىدا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۇندىن كېيىن بېلگىيەگە كىرىشى ۋە كەلگۈسى سەككىز يىل ئىچىدە ياۋروپا شېنگېن ۋىزا رايونىدىكى 26 دۆلەتكە كىرىشى چەكلەنگەنلىكى، سۇڭ شىننىڭ ئون يىلدىن بۇيان بىلگىيەدە ياشاپ كەلگەنلىكى، ئۆزىنىڭ كەڭرى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 549 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2019 16:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق