خىتاي ئىلھام توختى ھەققىدە يېڭى فىلىم تارقاتتى

خىتاي ئىلھام توختى ھەققىدە يېڭى فىلىم تارقاتتى

يېقىندا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلى ئىلھام توختى ھەققىدە «ئىلھام توختى مۆتىدىل زىيالىمۇ ياكى بۆلگۈنچىمۇ؟» تېمىسىدا بىر پىروگرامما ئىشلەپ تارقاتقان.
ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى 24‏-ئۆكتەبىر 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى»نى ئىلھام توختىغا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. ئىلھام توختى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۇچۈن، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئىلھام توختىنىڭ مەكتەپلەردە سۆزلىگەن لېكسىيەلىرى قىستۇرما قىلىپ ئىشلەنگەن بىر فىلىم تارقاتقان.
فىلىمدا ئىلھام توختىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە سۆزلىگەن لېكسىيەلىرىنى، قۇرغان تور بەتلىرىنى، تور بەتلەردە تارقاتقان ماقالىلىرىنى قسىتۇرما قىلىپ، ئىلھام توختىغا «مىللى ئۆچمەنلىكنى قۇتراتقان، باشقىلارنى دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقان» دېگەندەك تۆھمەتلەرنى چاپلىغان.
ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى»ھەققىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن ئىدى.
ئىلھام توختى 2014‏-يىلى خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەن تۆھمەت بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2019 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق