گامبىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇر خەتەر ئىچىدە

گامبىيەدىكى ئۈچ ئۇيغۇر خەتەر ئىچىدە
تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن گامبىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يولغا چىقماقچى بولغان ئۈچ ئۇيغۇر خەتەرگە يولۇقتى.
چۈشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانغا خەتەرگە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدىن بىرىنىڭ ئايالى يىغلاپ تېلېفون قىلىپ، يولدىشىنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گامبىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا بارماقچى بولغانلىقىنى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇگۈن چۈشتىن كېيىن گامبىيە ئايرودرومىغا چۈشكەندە ئايرودروم ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ يولدىشىنى گامبىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسىغا مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يولدىشىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەن.
بىر ئازدىن كىيىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا دىلشات مەمەت، قۇربان مامۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئورخان قۇربان قاتارلىق ئۈچەيلەن سىن ئارقىلىق گامبىيە ساقچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى گامبىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەجبۇرىي تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىستىقلال بۆلۈمى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى ھازىرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى خىتاينىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان بولسىمۇ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئۈچ قېرىندىشىمىزنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا چاقىرىدۇ.

بۇ خەۋەر 1245 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2019 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق