گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى

 

گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى

-19 ۋە 20-ئۆكتەبىر گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتى كۆرگەزمە قىلىندى.

كۆرگەزمىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيە خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم –كىچەك مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە گوللاندىيەدە ياۋاشاۋتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزئارا تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەنچە ۋە ئايالچە كىيىم –كېچەكلىرى، دوپپىلىرى تىزىلغان. ھەر خىل تۈردىكى تاماقلىرى تەييارلىنىىپ ۋەتەنداشلارنىڭ  ھۇزۇرىغا ئېسىل ئۇيغۇر تائاملىرى تىزىلغان مول داستىخان ھازىرلانغان. بۇ پۇرسەت بىلەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزئارا دىدارلاشقان. كۆرگەزمىگە كۆپلىگەن چەتئەللىكلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىغا ئېغىز تەككەن.

بۇ خەۋەر 1638 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2019 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق