خىتاي ئارمىيەسى خوڭكوڭغا قول تىقىشى مۇمكىن

خىتاي ئارمىيەسى خوڭكوڭغا قول تىقىشى مۇمكىن

-9ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ۋالىسى كەررىي لام قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يەنە يامانلىشىۋەرسە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ خوڭكوڭغا قول تىقىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

كەررىي لام ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئۆزى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشى كېرەكلىكىنى، خوڭكوڭدا ئەھۋال يامانلىشىۋېرىدىغان بولسا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ نامايىشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن خوڭكوڭغا قول تىقىشى مۇمكىنلىكىنى، تۆت ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە زورۋانلىق نىسبىتى ئېشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تىنچ ھەرىكەت ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، بىراق دىيالوگنىڭ داۋاملىشىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە،خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇرۇپ، نامايشچىلارنىڭ نىقاب تاقىشىنى رەسمىي چەكلىگەن بولۇپ، نىقاب چەكلەش قانۇنى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى خوڭكوڭدا مىڭلىغان كىشى نىقاب تاقاپ يۈرۈش قىلغان. بۈگۈن نامايىشچىلار «نىقاب تاقاشنى خالايمەن»، «نىقاب تاقاش جىنايەت ئەمەس» دەپ شوئار توۋلىغان.

خوڭكوڭدىكى نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر نىقاب تاقاشنى چەكلەشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى ۋە ئىجرا قىلىشنىڭمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 935 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2019 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق