تۈركىيە فېيسبۇكقا جەرىمانە قويدى

تۈركىيە فېيسبۇكقا جەرىمانە قويدى

3-ئۆكتەبىر دوۋېي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەنىڭ شەخسىي
ئۇچۇرلارنى قوغداش ئورگىنى فېيسبۇكنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۈنۈملۈك قوغدىمىغانلىقى ئۈچۈن بىر مىليون 600 مىڭ لىرا جەرىمانە قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ئورگىنى فېيسبۇك ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىسمى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى، ئوقۇش تارىخى، دىنىي مەلۇماتى، يۇرتى، تۇرۇۋاتقان ئورنى، فېيسبۇكتىكى يېقىنقى ئىزدەش خاتىرىسى ۋە فېيسبۇك ئىشلەتكۈچىلىرى ئەگەشكەن 500 گە يېقىن ئالدىنقى قاتاردىكى ھېساباتنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنىڭ قوغدالمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، بۇ سەۋەبتىن فېيسبۇكنى تۈرك تىلىدا ئىشلىتىدىغان 280 مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى، فېيسبۇكنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋە بۇنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فېيسبۇكقا بىر مىليون 150 مىڭ لىرا باشقۇرۇش جەرىمانىسى بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە قانۇندا بەلگىلەنگەن «يىغىلغان شەخسىي ئۇچۇرلار قانۇنسىز يوللار بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەھۋالدا مەسئۇل خادىملار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىگە شەخسىي ئۇچۇر ئىگىسىگە خەۋەر يەتكۈزۈشى لازىم» دېگەن نىزامغا ئاساسەن، فېيسبۇك شەخسلەرنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن 450 مىڭ لىرا جەرىمانە قويۇش قارار قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 570 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2019 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق