تالىبان ۋەكىللىرى خىتاي بىلەن كۆرۈشتى

تالىبان ۋەكىللىرى خىتاي بىلەن كۆرۈشتى

بۈگۈن گېرمانىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە تاراتقۇ مەركىزى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغان تالىبان بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئافغانىستان مەسىلىلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەن.
خەۋەردە تالىبان ۋەكىللىرى بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، تالىباننىڭ خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئامېرىكا پىرزېدىنتى تىرامپنىڭ تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلىرىنى توختاتقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تالىبان باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىدا تالىباننىڭ توققۇز كىشىلىك ۋەكىلىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىلى دىڭ شىجۈن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، كۆرۈشۈشتە ئامېرىكىنىڭ تالىبان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى توختاتقانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تالىبان ۋەكىلى ئالتىنچى ئايدا بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، سۆھبەتتە خىتاي تالىبان بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا ش ئا ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قاراۋۇلخانسى يېنىدا يۈز بەرگەن ماشىنا بومبا ۋەقەسىگە تالىبان تەرەپ مەسئۇل بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ۋەقەدىن كېيىن (7-سېنتەبىر) تىرامپ تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەتنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 815 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2019 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق