خوڭكوڭ ساقچىلىرىنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاندى

خوڭكوڭ ساقچىلىرىنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاندى

خوڭكوڭ ئەركىن گېزىت تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى سوتلاش نىشان قىلىنغان ئىئانە پائالىيىتى باشلانغان.
مەزكۇر پائالىيەتتە ئون مىليون دوللار توپلاش نىشانلانغان بولۇپ، يىغىلغان پۇللار خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئايدىكى نامايىش جەريانىدا خەلقنى باستۇرۇش، زەخمىلەندۈرۈش قىلمىشلىرىغا قارىتا مۇتەخەسسىس ۋە ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىش، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ سوت چىقىمى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.
خەۋەردە يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە ئىككى خوڭكوڭ پۇقراسىنىڭ ساقچىلارنى ئەرز قىلغانلىقى، يەنە تۆت كىشىنىڭ ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي يول ئارقىلىق نامايىش جەريانىدىكى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى مۇخبىرلارغا ئاشكارىلاپ، نامايىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقىنى، كېيىن ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭدىكى نامايىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى ئۇرغان كۆرۈنۈشلىرى تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن كۆزەتكۈچىلەر ۋە دېموكراتچىلار ساقچىلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى، خەلقئارالىق قائىدە-پىرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئەيىبلىگەن. ئەمما خوڭكوڭ ساقچىلىرى بۇنى باشتىن-ئاخىر ئىنكار قىلغان.

بۇ خەۋەر 675 قېتىم كۆرۈلدى
20/09/2019 21:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق