ئالمۇتادا خىتاي تىلى مەكتىپى ئېچىلدى

ئالمۇتادا خىتاي تىلى مەكتىپى ئېچىلدى
قازاق خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە خىتاي تىلى مەكتىپى ئېچىلغان.
خەۋەردە يېڭى قۇرۇلغان مەكتەپتە خىتاي ئاممىباب تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقى، تارىخ، جۇغراپىيە، پەلسەپە قاتارلىق پەنلەرنىڭمۇ خىتاي تىلىدا ئۆگىتىلىدىغانلىقى، باشقا مەكتەپلەردىكى قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭمۇ بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەكتەپ «خىتاي مۇھاجىرلىرى خىتاي تىلى ئۈمىد مەكتىپى» نامىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ئالمۇتادىكى بارلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەرەللىك دەرس ئوقۇيدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر قازاقىستاندا قۇرۇلغان خىتاي مەكتىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قازاق خەلقىنىڭ مىللىي مەپكۇرىسى ۋە دۇنيا قارىشىنى يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، كونترول قىلىشىتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، قازاق خەلقىنى خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

بۇ خەۋەر 732 قېتىم كۆرۈلدى
11/09/2019 13:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق