خوڭكوڭ دائىرىلىرى خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشىنى چەكلىدى

خوڭكوڭ دائىرىلىرى خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۈگۈن (31-ئاۋغۇست) كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىش پىلانى خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشچە، خوڭكوڭ خەلقى بۈگۈن يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خەلقئارانىڭ ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان.
ئەمما نامايىشتىن بىر كۈن بۇرۇن خوڭكوڭ دائىرىلىرى خۇاڭ جىفېڭ قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاق تېررورلۇق دەپ ئەيىبلىگەن.
خوڭكوڭ دائىرىلىرى 29-ئاۋغۇست خەلقنىڭ بۈگۈنكى نامايىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خەلق شىكايەت ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، قايتىدىن رەت قىلىنغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، گەرچە بۈگۈنكى نامايىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، خوڭكوڭ خەلقى داۋاملىق كوچىغا چىقىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2019 08:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق