ئىستانبۇلدا ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 13-ئاۋغۇست ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ھېيتلىق پائالىيتىگە ھەرقايسى تەشكىلات ئەزالىرى، تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتناشتى. پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سالام سۆزى قىلىپ، بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قۇچاق ئېچىپ كەلگەنلىكىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتكە يەنە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىقايامۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە: «بىز بىر-بىرىمىزنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە مۆمىن بولالمايمىز. بىز سىلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمىز. مېنىڭ سىلەردىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم ھەر قانداق كىشى ۋە ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئاۋۋال چۈشىنىڭ، بىلىپ يېتىڭ، ئاندىن ياخشى كۆرۈڭ، ئىچ سىرىڭىزنى بېرىڭ كىشىلەرنى پىتنە –ئىغۋالىرىغا ئالدىنىپ كەتمەڭ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە سۇتۇق بۇغراخان ئوغۇللار قۇرئان كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ساما ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. ئارقىدىن ئىبراھىم ئەر شېئىر ئوقۇدى.

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، ئۆلىمالار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

 ئاخىرىدا پائالىيەت نىياز داموللامنىڭ باشچىلىقىدا قىلىنغان ئوپچە دۇئا بىلەن ئاياغلاشتى.

 

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 2051 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2019 22:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق