خىتاي «پېرېۋوت ئالدامچىسى» دەپ ئېلان قىلىندى

خىتاي «پېرېۋوت ئالدامچىسى» دەپ ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى خىتاينى «پېرېۋوت ئالدامچىسى» دەپ ئېلان قىلغان.
خەۋەردە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپتىن ئالغان ھوقۇقىغا بىنائەن خىتاينى «پېرېۋوت ئالدامچىسى» دەپ باھالايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، خىتاينىڭ بازارغا ئارىلىشىش ئارقىلىق خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى مەقسەتلىك تۆۋەنلەتكەنلىكى، شۇ سەۋەبلىك مىنىستىر ستېۋېن مىنۇچىننىڭ خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتىنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا بەرگەن ئىقتىسادىي ۋەدىلىرىنىڭ ئەكسىچە قەدەم تاشلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىلەرنى ئاياغ-ئاستى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تىرامپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلارغا %10لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن رەسمىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتايمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 774 قېتىم كۆرۈلدى
06/08/2019 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق