سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلىندى

سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدە خىتابنامە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران 13-قېتىملىق كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىدا ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، رايونىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كاپالەتچى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەققىدە كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلغان.
ھەرقايسى تەرەپلەر قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا ئېچىلغان يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە خىتابنامىنىڭ مەزمۇنىدا كېلىشىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك ۋە ئۈچ تەرەپلىك يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرغان. قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رومان ۋاسىلېنكو، تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەيئىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يىغىننىڭ يېپىلىش خىتابنامىسىنى ئوقۇغان.
خىتابنامىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۇرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، دائىشقا، نۇسرا ئالدىنقى سېپىغا ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتابنامىدە يەنە سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ پەقەت سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى، سۇرىيە ئىختىلاپىغا ھەربىي چارىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقى ۋە ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچقا بويسۇنۇش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ ب د ت غا سۇرىيەگە قىلىنىۋاتقان ياردەمنى كۆپەيتىش چاقىرىق قىلىنىپ، كېيىنكى قېتىملىق كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1029 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2019 21:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق