خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىگە تەۋە توققۇز شەھەردە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر مىليون 900 مىڭ كىشى ئاپەتتە ئۇچرىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە دەريا، ئۆستەڭلەرنىڭ توسمىلىرى تېشىپ، خۇنەن ئۆلكىسىگە تەۋە بىر نەچچە شەھەرنى سۇ بېسىپ كەتكەن. بۈگۈنكى ئېنىقسىز مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەتتە يەتتە كىشى ئۆلۈپ، توققۇز كىشى يوقاپ كەتكەن. 139 مىڭ كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ مۇداپىئە تارماقلىرى 4-دەرىجىلىك جىددىي ھالەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.

 

بۇ خەۋەر 1555 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2019 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق