ھىندونېزىيەدە شەرقىي تۈركىستان كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى

 


17- فېۋرال يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ھىندونېزىيە ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندونېزىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

دوكتور ئابدۇسالام  3- مارت (ھىندونېزىيە زىيارىتىنىڭ 14- كۈنى )ھىندونېزىيەنىڭ Rengat شەھىرىدىكى  Jamik جامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئالدى بىلەن  خىتاينىڭ 1949- يىلى  شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېىيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا  ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيىلەش» نامىدىكى لاگېرلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  خىتايلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى تاقاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

 

بۇ خەۋەر 12674 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2019 20:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق