تۈركىيە بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى كۆزەتمەكچى

تۈركىيە بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى كۆزەتمەكچى

تۈركىيە پىرېزىدېنتلىك سارىيى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بارماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە تەپىسلىي مەلۇمات بېرىپ، خىتايدىكى زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرىلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتتا يەنە «پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇزاكىرىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەملىك ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە تىنچ-ئامان ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراش ۋە پىكىر-تەلەپلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزدى. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولۇشى ھەققىدە تەكلىپ سۇندى. پىرېزىدېنتىمىزمۇ بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى» دېيىلگەن.
فاھرەتتىن ئالتۇن يەنە پىرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى سودا، سېلىنما، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە، ئاۋىياتسىيە، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىگىچە كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ تارىخىي يېپەك يولىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي ئېغىزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 2065 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2019 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق