شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چاقىرىق

شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چاقىرىق

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قاتىل خىتايغا بولغان غەزىپىمىزنى ۋە نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش، خەلقىمىزنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.
نامايىشتا خىتاينىڭ 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا ۋە يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك ئىرقىي كەمسىتىش، قىرغىن قىلىش، تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماش، خورلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىنىدۇ.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئەر-ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نامايىشقا تولۇق ئىشتىراك قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ھەمدە دۇنيا خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ زۇلمىغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىگە چاقىرىمىز!

نامايىش ئورنى: خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدى.
نامايىش ۋاقتى: 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى (جۈمە)، سائەت 11:00.
نامايىشقا بېرىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس تەييارلاندى.
ئاپتوبۇس قوزغىلىدىغان ۋاقىت: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 09:00.
زەيتىنبۇرنۇدىن يولغا چىقىدىغان ئورۇن: زەيتىنبۇرنۇ ئەمىنە ئىنانچ جامە ئارقىسى.
سەفاكۆيدىن يولغا چىقىدىغان ئورۇن: چارداقلى بېكىتى.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1773 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2019 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق