يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى شېھىت قىلىندى

يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى شېھىت قىلىندى

10-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان قايغۇلۇق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى جازا لاگېرىدا شېھىت قىلىنىپ، جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
خوتەن دىيارىنىڭ غۇرۇرى، ئەلنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ، كۈلكىسىگە كۈلگەن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ جەسىتى 2019-يىلى 31-ماي ساقچىلار تەرىپىدىن ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. مەرھۇم يازغۇچى ۋاپات بولۇشتىن 70 كۈن ئىلگىرى «سورايدىغان گەپ بار» دېگەن باھانە بىلەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىنلا كېسلى قوزغالغان بولسىمۇ، بىراق «دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىگە نۆۋەت تەگمىدى» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن داۋالىماي تاشلاپ قويۇلۇپ، زىيانكەشلىك قىلىنغان. ھەتتا مەرھۇمنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندە پۇتلىرىدىكى كىشەنمۇ ئېلىۋېتىلمىگەن. مەرھۇمنىڭ جازا لاگېرىدا ياكى قاماقخانىدىكى سوراقتا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.
مەرھۇم يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 1949-يىلى 12-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ناھىيىسى تەۋەككۇل يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1966-يىلى خوتەن شەھىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇتقۇچى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكومدا كاتىپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
مەرھۇم ھازىرغا قەدەر بەش پوۋېست، ئەللىك نەچچە ھېكايە، بىر نەسىرلەر توپلىمى، ئوتتۇزغا يېقىن ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە، قىسسە ۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلغان.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان كەيپىيات، تەسىرات پەيدا قىلىش جەھەتلەردە ئۆزگىچە يول تۇتقان. مەرھۇم تىل ئىشلىتىش ۋە بايان قىلىش سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرەلىگەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى.
مەرھۇم 1984-يىلى قاشتېشى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بويناق ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق نەسىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلۇپ، «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «بەش تۈپ سەگۈ تېرەك»، «ئاجايىپ كەسپىي ئائىلە»، «ئىككى بوتۇلكا ماۋتەي»، «ئالتۇن»، «سېخىسەن ئانا دەريا-يۇرۇڭقاش»... قاتارلىق ھېكايىلىرى، «ئامانەت»، «شەھلا كۆز»، «چۆل ئوغلى»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا» ناملىق پوۋېستلىرى بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە تونۇلغان.
ئاللاھ مەرھۇمغا شېھىتلىق ماقامى، ئائىلىسىگە سەۋر بەرسۇن!

بۇ خەۋەر 2128 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2019 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق