خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

 

خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

 

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە ئېغىر كەلكۈن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، گۈيجۇ، گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلىرىدا ياغقان قاتتىق يامغۇرنىڭ كەلكۈن ئاپىتى ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ھازىرغا قەدەر يەتتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە بەش كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، ئاپەتنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىر كەلكۈن يولدىكى ماشىنىلارنى ئېقىتىپ كەتكەن، بىر قىسىم قۇرۇلۇشلار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. كەلكۈندە قالغان بەزى كىشىلەر كۆۋرۈكلەرگە چىقىۋېلىپ، پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان.

http://video.haber7.com/video-galeri/140866-sel-felaketi-cok-sayida-olu-ve-yarali-var

 

بۇ خەۋەر 1440 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2019 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق