خىتاينىڭ ئىزمىردىكى ئەلچىخانىسى تاقالدى

 

26-فېۋرال خىتاينىڭ ئىستانبۇل ئەلچىخانىسى تور بېتىدە بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىزمىردىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاشنى قارار قىلغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار ئەلچىخانا خىزمەتلىرىنى تەڭشەش سەۋەبلىك ئىزمىردىكى ئەلچىخانىسىنى 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ۋاقتىنچە تاقاشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ بۇ قارارىنى تۈركىيە تەرەپنىڭ توغرا چۈشىندىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان. خىتاي ئىزمىردىكى ئەلچىخانىسىنى تاقاشنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاينىڭ ئىزمىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 2015-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1920 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2019 17:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق