خىتاينىڭ ئىپتار چاقىرىقى دىققەت قوزغىدى


شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن خىتاي تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى 27-ماي كۈنىدىكى ئىپتارلىق پائالىيەتكە چاقىرغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دىننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، قۇرئان كەرىم، دىنىي كىتاب ۋە جايناماز قاتارلىق دىنغا ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرگەن، نۇرغۇن مەسچىتلەرنى چاققان، مۇبارەك رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەققىدە تۈرلۈك قائىدىلەنى چىقارغان، روزا تۇتقان كىشىلەرنى كۈندۈزى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بىر ۋاقتتا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ نومۇس قىلماستىن ئىپتارلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقى كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خىتاي ئىپتارلىق پائالىيەتكە خىتاينىڭ زۇلمى ۋە يولسىزلىقى سەۋەبلىك ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ھەتتا ئۆزلىرى تۈركىيەدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئاتا ۋە قېرىنداشلىرى خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق خورلىنىۋاتقان، قىرغىن قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە كىشىلەر خىتاينىڭ چاقىرىقىغا كىملەرنىڭ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلماقتا.

 

بۇ خەۋەر 895 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2019 22:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق