ئاقچى ناھىيەسىدە قوراللىق ۋەقە يۈز بەردى


دوۋېي تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 20-ماي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقچى ناھىيەسىدە قوراللىق ۋەقە يۈز بېرىپ، تۆت كىشى ئۆلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە سادىر قىلغۇچى كازبېك نۇراخۇن ئاقچى ناھىيەسى رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ يېتەكچى ساقچىسى بولۇپ، ئايالى بۇلتۇر 11-ئايدا ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلغاچقا، روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇ ئىككى كۈن بۇرۇن ئايالى ئىشلىگەن باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، ئايالىدىن قېلىپ قالغان نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىۋېلىش جەريانىدا مەكتەپ خىزمەتچىلىرى بىلەن تاكاللىشىپ قالغان. بۇ جەرياندا ئۆزىنى كونترول قىلالمىغان كازبېك نۇراخۇن تاپانچىسى بىلەن فاڭ فۇبىن، روزىباي ئابدۇراھمان ۋە تۇرسۇنگۈل توخناي قاتارلىق ئۈچ مەكتەپ خىزمەتچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە ئارقىدىن ئۆزىنى ئېتىۋالغان.
خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش تۈزۈمى نەتىجىسىدە ئىككى يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىگەن بولۇپ، بۇ تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان تۇنجى قوراللىق ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1448 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2019 19:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق