ئوغلۇڭنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلامسەن

ئۆز خەۋىرىمىز: ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگېرغا قامىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنى لاگېردا تەربىيەلەشكە قوشۇلغانلىقى ھەققىدىكى جەدۋەلگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆتكەن يىلى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى كىشىلەرنى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلمىغانلىقىنى، تۇتقۇنلار ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھەقسىز تەربىيەلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈپ قالسا، جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر قاتار رەزىل تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى ئاشكارا بولدى. 
شاھىتنىڭ ئىسپاتلاپ بېرىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگېرغا قامىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ياكى ئاتا-ئانىسىنى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى»دە تەربىيەلەپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەدۋەلگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان. تۇتقۇن قىلىنغان كىشىنىمۇ تەربىيەلىنىشكە قوشۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مەجبۇرىي ئىمزا قويدۇرغان.
شۇنداقلا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ياكى ئاتا-ئانىسىغا «تەرىيەلەش مەركىزىدىكى ئاكىڭىز ياكى پەرزەنتىڭىزنى قويۇپ بېرىشىمىزگە قوشۇلامسىز ياكى قوشۇلمامسىز» دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان جەدۋەلگە ئىمزا قويدۇرغان.

بۇ خەۋەر 36452 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2019 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
1 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق
test
merhaba benim adım name