تۈركىيە خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 

سىپاتنىك تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنى قوللاشقا چاقىرغان.
خەۋەردە خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سادات ئۆنەل بىلەن كۆرۈشكەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنى قوللاشقا چاقىرغانلىقىنى، سادات ئونالنىڭمۇ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە خەلقئارادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن تۈركىيەدەك باشقا بىر دۆلەتنىڭ يوق ئىكەنلىكى، تۈركىيەنىڭ ب د ت يىغىنلىرىدا باشقا ئىسلام ئەللەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ھالدا خىتاينى ئەيىبلەپ، ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا باش ئەگمەي كەلگەن تۈركىيەنىمۇ باش ئەگدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭيى خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھەرۋاقىت ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە مۇقىملىققا ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى قوللاشتا سەمىمىي بولۇشىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللاش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 970 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2019 19:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق